ئامېرىكادا ناچار ھاۋا رايى 80 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكانىڭ نۇرغۇن رايونلىرىدا ناچار ھاۋا رايى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ۋەقەلەردە 80 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلدى.

2091591
ئامېرىكادا ناچار ھاۋا رايى 80 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «CBS News» تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مىليونلىغان ئامېرىكا پۇقراسى ناچار قىش شارائىتىنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان.

غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكى ئورېگون ئىشتاتىدا شىۋىرغان سەۋەبىدىن ئېلان قىلىنغان جىددىي ھالەت داۋام قىلماقتا. پېنسىلۋانىيە، كالىفورنىيە ۋە ئىندىيانادىمۇ توك ئۈزۈلۈپ قېلىش ۋەقەلىرى كۆرۈلمەكتە.

ئامېرىكا مىقياسىدا ئالدىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە ناچار ھاۋا رايى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ھادىسىلەردە 80 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلدى. سوغۇق ھاۋا رايىنىڭ ھەپتە بېشىدىمۇ داۋام قىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

100 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ شىمالىي قۇتۇب سۇغۇقىنىڭ سەلبىي تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ناچار ھاۋا رايى سەۋەبىدىن تەخمىنەن 100 مىڭ كىشى توك مۇلازىمىتىدىن مەھرۇم قالدى.  

يەنە بىر تەرەپتىن، تېننېسسى ئىشتاتىدا 10 مىليون كىشىنىڭ توك ئۈزۈلۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن توكنى تېجەپ ئىشلىتىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر