ئىسپانىيەدە يۈزمىڭلىغان كىشى «پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

ئىسپانىيەدە يۈزمىڭلىغان كىشى مەيدانلارغا چىقىپ «پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ دەرھال توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

2091261
ئىسپانىيەدە يۈزمىڭلىغان كىشى «پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيەدە 100 دىن ئارتۇق ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ قوللىشى بىلەن قۇرۇلغان «پەلەستىن ئىشغالىيىتىگە قارشى ھەمكارلىشىش تورى» (RESCOP) نىڭ چاقىرىقى بىلەن 90 دىن ئارتۇق ۋىلايەت ۋە رايوندا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا يۈزمىڭلىغان كىشى قاتناشتى.

ئىسرائىلىيە غەززە رايونىغا ھۇجۇم باشلىغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ نامايىشلاردىن بىرىگە شاھىت بولغان مادرىد كوچىلىرىدا، 50 مىڭدىن ئارتۇق كىشى خەلقئارا جامائەتچىلىكنى «پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى توختىتىشقا چاقىردى.

شەھەر مەركىزىگە يىغىلغان خەلق پەلەستىن بايرىقىنى شۇنداقلا «ئىسرائىلىيەنى بايقۇت قىلىش كېرەك»، «قاتىل نېتانياھۇ!»، «پەلەستىنگە ئەركىنلىك»، «ئادالەت»، «ئىسرائىلىيە ئۆلتۈرىۋاتىدۇ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى قوللاپ - قۇۋۋەتلاۋاتىدۇ» دېگەن لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈشۈپ، شوئارلارنى توۋلىدى.

نامايىشتا ئوقۇلغان خىتابنامىدە، ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان بارلىق سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ۋە تەنتەربىيە مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش كېرەكلىكى، دەرھال ۋە شەرتسىز ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنىشى ئۈچۈن كونكرېت تەدبىرلەرنى قوللىنىشى لازىملىقى تەلەپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر