پاكىستان-ئىران مۇناسىۋەتلىرىدە ئىجابىي كەيپىيات شەكىللىنىشكە باشلىدى

ئىسلامئاباد پاكىستان بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ھۇجۇملاردىن كېيىن، ۋەزىيەتنى پەسكۇيغا چۈشۈرۈشكە مايىل بىر بايانات ئېلان قىلدى.

2091151
پاكىستان-ئىران مۇناسىۋەتلىرىدە ئىجابىي كەيپىيات شەكىللىنىشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەلىل ئابباس جىلانىنىڭ ئىرانلىق مەنسەپدىشى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان بىلەن تېلېفونلاشقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا: «جىلانى پاكىستاننىڭ ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ھەمكارلىق روھى ئاساسىدا ئىران بىلەن بارلىق مەسىلىلەردە ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە، جىلانى بىلەن ئىرانلىق مەنسەپدىشى ئابدۇللاھىياننىڭ جىددىيچىلىكنى پەيسكويغا چۈشۈرۈش توغرىسىدا كېلىشىكەنلىكى ۋە «ئىككى دۆلەتنىڭ باش ئەلچىلىرىنىڭ ئۆز پايتەختلىرىگە قايتىپ كېلىشى مەسىلىسىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى» تەكىتلەندى.

ئىران تەرەپ ھازىرغىچە مەزكۇر تېلېفون سۆھبىتى توغرىسىدا ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

ئىران 16-يانۋار جەيشۇلئەدل (ئادالەت قوشۇنى) تەشكىلاتىنىڭ پاكىستاندىكى لاگېرلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان، ئارقىدىنلا پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراننىڭ 16-يانۋار چېگرادىكى بالۇچىستان ئۆلكىسىنىڭ پەنجگۇر رايونىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا، ئىككى بالىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، ئۈچ قىزنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىسلامئاباد ھۆكۈمىتى 17-يانۋار تېھراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېتىشنى قارار قىلغان ھەمدە تېھراندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئىراننىڭ ئىسلامئابادتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ بىر مەزگىل قايتىپ كەلمەسلىكىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

پاكىستان تۈنۈگۈن ئەتىگەندە ئىراننىڭ چېگرا رايونىدىكى بىر يېزىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلىتىپ ھۇجۇم قوزغىغان؛ تېھران ھۆكۈمىتى پاكىستاننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا 3 ئايال ۋە 4 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 9 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىراننىڭ سىستان-بالۇچىستان ئۆلكىسىدىكى «تېررورچىلار يوشۇرۇنۇۋالغان جايلار»غا قارشى ئىنتايىن ئىنچىكە پىلانلاپ، ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، دۆلەت بىخەتەرلىك ئۇچۇرلىرىنى ئاساس قىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا، نۇرغۇن «تېررورچىلارنىڭ» ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر