ناتو سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ

ناتونىڭ سوغۇق ئۇرۇش دەۋرى (1947-1991) دىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ «2024-تەۋرەنمەس مۇداپىئەچى» ھەربىي مانېۋىرىنىڭ كېلەر ھەپتە باشلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

2090599
ناتو سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو ياۋروپا ئىتتىپاقداش ئالىي قوماندانى(SACEUR)  گېنېرال كرىستوفىر كاۋولى (Christopher Cavoli) بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ناتو ئارمىيە ئىشتاب باشلىقلىرى يىغىنىدىن كېيىن، ئاخبارات ئېلان قىلش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ ناتوغا ئەزا 31 دۆلەت ۋە نامزات دۆلەت شىۋېتسىيەدىن تەخمىنەن 90 مىڭ ئەسكەر قاتنىشىدىغان مانېۋىرنىڭ، ماي (2024) ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «ئىتتىپاق ھەربىي قىسىملىرىنى شىمالىي ئامېرىكادىن ئاتلانتىك ئوكياننىڭ سىرتىغا ئۆتكۈزۈپ، ياۋروپا-ئاتلانتىك رايونىنى كۈچەيتىش ئىقتىدارىنى نامايان قىلىدۇ» دېدى.

سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ مانېۋىرنىڭ گېرمانىيە، پولشا ۋە بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىدە ئۆتكۈزۈلۈشى، رۇسىيە بىلەن بولىدىغان ئۇرۇش ئېھتىماللىرىنىڭ سېنارىيەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى تەخمىن قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر