ئىران: پاكىستاننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا يەتتە ئادەم ئۆلدى

ئىران پاكىستاننىڭ چېگرا رايونىدىكى بىر يېزىغا قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا ئۈچ نەپىرى ئايال، تۆت نەپىرى كىچىك بالا بولۇپ، جەمئىي يەتتە كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2090177
ئىران: پاكىستاننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا يەتتە ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىستان-بالۇچىستان ئۆلكىسى مۇئاۋىن ۋالىيسى ئەلى رىزا مەرھەمەتى ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسىگە بايانات بېرىپ، پاكىستاننىڭ بۈگۈن ئەتىگەندە سىستان-بالۇچىستان ئۆلكىسى چېگرا رايونىدىكى بىر يېزىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ئىرانلىق بولمىغان ئۈچ ئايال بىلەن تۆت بالىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

سىستان-بالۇچىستان ئۆلكىسىنىڭ سەراۋان شەھىرىدىمۇ پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن مەرھەمەتى، بۇ يەردىكى ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىراننىڭ سىستان-بالۇچىستان ئۆلكىسىدىكى «تېررورچىلار يوشۇرۇنۇۋالغان جايلار»غا قارشى ئىنتايىن ئىنچىكە پىلانلاپ، ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، دۆلەت بىخەتەرلىك ئۇچۇرلىرىنى ئاساس قىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا، نۇرغۇن «تېررورچىلارنىڭ» ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر