خېرزى خالېۋى: لىۋان چېگراسىدا جەڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ئىلگىرىكىدىن يۇقىرى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى خېرزى خالېۋى لىۋان چېگراسىدا جەڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنىڭ «ئىلگىرىكىدىن يۇقىرى» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

2090275
خېرزى خالېۋى: لىۋان چېگراسىدا جەڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ئىلگىرىكىدىن يۇقىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى خالېۋىنىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ لىۋانغا ھۇجۇم قىلىش سېنارىيەسىنى چۆرىدەپ ئېلىپ بارغان ھەربىي مانېۋىرىدا سۆز قىلىپ: «مەن شىمالدىكى ئۇرۇشنىڭ قاچان يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئەمما سىلەرگە شۇنى ئېيتالايمەنكى، كەلگۈسى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا خېلىلا يۇقىرى» دېگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ لىۋاندا جەڭ قىلىشقا تەييارلىق قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن خالېۋى، ئارمىيەنىڭ غەززەدىكى توقۇنۇشتىن نۇرغۇن ساۋاق ئالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ ئارمىيەنىڭ لىۋاندا ناھايىتى ئېنىق بىر نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدا ياشايدىغانلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ 8-يانۋار شىمالىي چېگرادىكى بىر ھەربىي قىسىمنى زىيارەت قىلغاندا، ئۆزلىرىنىڭ لىۋان چېگراسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە سەرگەردان ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ يۇرتىغا قايتىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، «ھىزبۇللاھ بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق ئىشقا تەييار» ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتقانىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىلەن ھىزبۇللاھ ئوتتۇرىسىدا 8-ئۆكتەبىردىن بۇيان پات-پاتلا توقۇنۇش يۈز بېرىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، توقۇنۇشلاردا ھازىرغىچە 29 لىۋان پۇقراسى بىلەن 162 ھىزبۇللاھ ئەزاسى ۋە ئالتە ئىسرائىلىيە پۇقراسى بىلەن  10 ئىسرائىلىيە ئەسكىرى ئۆلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر