ترامپ پىرېزىدېنتلىق تەختىگە قايتىپ كېلەمدۇ؟

ئامېرىكادا 5-نويابىر (2024) ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ رىقابەتلىرى باشلاندى. ئايوۋا (Iowa) دا جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ نامزات كاندىداتلىرى سايلىمىدا سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپ غەلىبە قىلدى.

2089138
ترامپ پىرېزىدېنتلىق تەختىگە قايتىپ كېلەمدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۈچۈن ئەنئەنىۋى رىقابەتلەر باشلانغان ئايوۋا ئىشتاتىدا جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ نامزات كاندىداتلىرىنى ئۆزئارا ئۇچراشتۇرغان سايلام ئاخىرلاشتى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى (AP) ئېلان قىلغان بىرەسمىي نەتىجىلەرگە ئاساسلانغاندا، سابىق پىرېزىدېنت ترامپ %51 ئاۋازغا ئېرىشىپ، رەقىبلىرىدىن فلورىدا ئىشتاتى ۋالىيسى رون دېسانتىس بىلەن ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى سابىق دائىمىي ۋەكىلى نىككى خالېي (Nikki Haley) نى ئارقىدا قالدۇرۇپ بىرىنچى بولغان. دېسانتىس %21 ئاۋازغا، نىككى خالېي بولسا %19 ئاۋازغا ئېرىشكەن.

 جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ يەنە بىر نامزاتى ۋىۋېك راماسۋامي (Vivek Ramaswamy) 7.7% ئاۋازغا ئېرىشكەن. ئۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، نامزاتلىق سايلىمىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

پىرېزىدېنتلىق نامزات كاندىداتلىرىنى بەلگىلەش سايلاملىرى 8-ئىيۇن (2024) غىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، كېيىنكى قېتىملىقى 23-يانۋار (2024) نىيۇ خامپشىر (New Hampshire) ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئىيۇل ۋە ئاۋغۇست ئايلىرىدىكى پارتىيە قۇرۇلتايلىرىدا ھەم دېموكراتلار ھەمدە جۇمھۇرىيەتچىلەر رەسمىي پىرېزىدېنت نامزاتىنى بېكىتىدۇ. 5-نويابىر باشلىنىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلغان نامزات، 2025-يىلى 20-يانۋار دۆلەت پىرېزىدېنتى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر