ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قىرغىنچىلىقىغا قارشى خەلقئارانىڭ نارازىلىقى داۋاملاشماقتا

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قىرغىنچىلىقىغا قارشى دۇنيانىڭ  ھەممىلا يېرىدە نارازىلىقلار داۋاملاشماقتا.

2088734
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قىرغىنچىلىقىغا قارشى خەلقئارانىڭ نارازىلىقى داۋاملاشماقتا
portekiz filistin destek.jpg
pakistan karaci filistin destek.jpg
kanada filistin destek.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋيانادا پەلەستىننى قوللاش ئەترىتى قۇرۇلدى. نۇرغۇنلىغان ئاپتوموبىل شوپۇرى كاناي چېلىپ غەززەدە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىق تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

پورتۇگالىيەنىڭ پايتەختى لىسبوندا بىر يەرگە جەم بولغان نەچچە يۈزلىگەن پائالىيەتچىمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇمىغا قارشى پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

پاكىستاندىمۇ ئونمىڭلىغان كىشى پەلەستىننى قوللاش نامايىشىغا قاتناشتى. قوللىرىدا پەلەستىن بايرىقىنى كۆتۈرۈشكەن نامايىشچىلار ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى ۋە ھۇجۇملارنىڭ دەرھال ئاخىرلىشىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندىمۇ ئادۋوكاتلار نامايىش تەشكىللىدى. ئىرانلىق ئادۋوكاتلار ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدە ئىسرائىلىيە ئۈستىدىن سۇنۇلغان ئەرزنى قوللاپ قۇۋۋەتلىدى.  

تۇنىستىمۇ يۈزلىگەن كىشى پەلەستىن بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، ئىسرائىلىيەگە قارشى شوئارلارنى توۋلىدى.

كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدىمۇ پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. يۈزلىگەن نامايىشچىلار لوزۇنكا ۋە پەلەستىن بايرىقى بىلەن شەھەر مەركىزىگە يۈرۈش قىلدى. يۈرۈش جەريانىدا «پەلەستىنگە ئەركىنلىك!»، «ئىشغالىيەت جىنايەتتۇر!»، «غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىڭلار!» قاتارلىق شوئارلارنى توۋلىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر