ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ يەمەنگە قاراتقان ھۇجۇمىنى مۇزاكىرە قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشى رۇسىيەنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يەمەنگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

2088238
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ يەمەنگە قاراتقان ھۇجۇمىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت نىڭ ئوتتۇرا شەرق، ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى مۇھەممەد خالىد خىيارى يىغىندا سۆز قىلىپ: «بىز كۆرۈۋاتقان زوراۋانلىقنىڭ يامراپ كېتىشى يەمەن ۋە رايوندا ئىنتايىن ئېغىر سىياسىي، بىخەتەرلىك، ئىقتىسادىي ۋە ئىنسانىي ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن» دېدى.

رۇسىيەنىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى ۋاسسىلىي نېبېنزىيا ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ يەمەنگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى ب د ت نىزامنامىسىنىڭ 51-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە <يوللۇق قوغدىنىش> دەپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «يوللۇق قوغدىنىش ھوقۇقىدىن دېڭىز سەپىرى ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پايدىلانغىلى بولمايدۇ» دېدى.

ئەنگلىيەنىڭ قىزىل دېڭىزدىكى ھۇسىيلارنىڭ ھۇجۇمىنى كۆپ قېتىم ئەيىبلىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەنگلىيەنىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى باربارا ۋۇدۋارد، ھۇسىيلارنىڭ ئەنگلىيە پاراخوتلىرىغىمۇ ھۇجۇم قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «بىز تۈنۈگۈن كەچتە ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە، تار دائىرىلىك زۆرۈر ۋە مۇۋازىنەتلىك قەدەم تاشلىدۇق» دېدى.

ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى لىندا توماس-گىرىنفىلىدمۇ ھۇجۇملارنىڭ «مۇۋازىنەتلىك» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ھۇجۇملار بارلىق ھەربىي بولمىغان ۋاسىتىلەر تۈگىگەندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىسرائىلىيە غەززەگە ھۇجۇم قوزغىغاندىن بۇيان يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدىكى سودا پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتكەن، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە ھۇسىيلارغا تەۋە ئورۇنلارغا ھۇجۇم قىلغانىدى.

ھۇسىيلار ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدىن ئىنتىقام ئالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قىزىل دېڭىزدىكى سودا پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغاندىن كېيىن، نۇرغۇن دېڭىز تىرانسپورتى شىركەتلىرى قىزىل دېڭىزدىكى قاتناشلىرىنى توختىتىشنى قارار قىلغانىدى.

ئامېرىكا ھۇسىيلارنىڭ قىزىل دېڭىزدىكى سودا پاراخوتلىرىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، «خەلقئارا دېڭىزدا ۋەزىپە ئۆتەش قىسىملىرى» تەشكىللەش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «پاراۋانلىقنى قوغداش ھەرىكىتى» دېگەن نامدا بىر كۆپ دۆلەتلىك ئىتتىپاقداش قىسىم تەشكىللىگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.

ھۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرىئاق دېڭىز بىلەن قىزىل دېڭىزنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ، يەر شارى سودىسىنىڭ تەخمىنەن% 12 ى قىلىنىدىغان ياۋروپا بىلەن ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ قىسقا يول سۈۋەيىش قانىلىدىن ئۆتۈشنىخەۋپكە ئىتتىرگەن، سودا پاراخوتلىرى ئۇچرىغان ھۇجۇملارغا ئەگىشىپ، مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن چىقارغان قاتناشنى توختىتىش قارارلىرى، دۇنيا ئىقتىسادىدا يېڭى بىر «تەمىنلەش زەنجىرى كىرىزىسى»نىڭ باشلىنىپ كېتىش ئەندىشىسىنى پەيدا قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر