قىزىل دېڭىزدا ھۇسىيلارنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى پاچاقلاپ تاشلاندى

ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتى يەمەندىكى ھۇسىيلارنىڭ قىزىل دېڭىزدىن قويۇپ بەرگەن 24 باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ۋە ئۇچقۇلىرىنى ئېتىپ چۈشۈردى.

2086770
قىزىل دېڭىزدا ھۇسىيلارنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى پاچاقلاپ تاشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: س ن ن نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون) نىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ سۆزلىرى نەقىل قىلغان خەۋىرىدە، «ھۇسىيلارنىڭ ھۇجۇمىدا ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىنىڭ ھېچقانداق زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقى» نى، 20 دۆلەتنىڭ قاتنىشىشى بىلەن تەشكىللەنگەن «رەفاھنى مۇھاپىزەت قىلىش ھەرىكىتى» نامىدىكى ھەربىي قىسىمغا، ئامېرىكانىڭ ئۈچ ھەربىي پاراخوت بىلەن ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە، ھۇسىيلارنىڭ قىزىل دېڭىزدىن قويۇپ بەرگەن 24 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇلىرىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ياۋروپا-ھىندىستان-يىراق شەرق سودا يولى ئۈستىدە بولۇشى سەۋەبىدىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولغان قىزىل دېڭىز، غەززە ئۇرۇشىنىڭ كېڭىيىپ كېتىش ئەندىشەسىنى پەيدا قىلماقتا.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىقى 6-دېكابىر (2023) يەمەندىكى ھۇسىي كۈچلىرىنىڭ قىزىل دېڭىزدىكى سودا پاراخوتلىرىغا قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى سەۋەبلىك خەلقئارالىق «دېڭىز ھەربىي كۈچى» قۇرۇش ئۈچۈن مۇزاكىرەلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

18-دېكابىر (2023) «رەفاھنى مۇھاپىزەت قىلىش ھەربىي ھەرىكىتى» نامىدا كۆپ دۆلەت قىسىملىرىدىن تەركىپ تاپقان ھەربىي قىسىمنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

خەلقئارالىق شىركەتلەر، ھۇسىيلارنىڭ قىزىل دېڭىزدىكى كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن قىزىل دېڭىز قاتنىشىنى توختاتقانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر