كىم جوڭئۇن: جەنۇبىي كورېيەنى «ئاساسىي دۈشمەن دۆلەت» دەپ ئېلان قىلىدىغان پەيت كەلدى

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن جەنۇبىي كورېيەنى «ئاساسىي دۈشمەن دۆلەت» دەپ ئېلان قىلىدىغان پەيتنىڭ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

2086755
كىم جوڭئۇن: جەنۇبىي كورېيەنى «ئاساسىي دۈشمەن دۆلەت» دەپ ئېلان قىلىدىغان پەيت كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە مەركىزى خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كىم جوڭئۇن ئوق-دورا زاۋۇتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش جەريانىدا بايانات بېرىپ، جەنۇبىي كورېيەنى «ئاساسىي دۈشمەن دۆلەت» دەپ ئېلان قىلىدىغان پەيتنىڭ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.

سېئۇل ھۆكۈمىتىنى توقۇنۇش ۋە قوراللىنىشقا ئىلھاملاندۇرۇش بىلەن ئەيىبلىگەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى يەنە، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ناچارلىشىشىغا «يېڭى باسقۇچ» ۋە «مۇقەررەر رېئاللىق» دەپ باھا بەرگەن.

كورېيە يېرىم ئارىلىدا بىر تەرەپلىمە ھالدا چوڭ ۋەقە پەيدا قىلمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن كىم جوڭئۇن، ئەمما «جەڭدىن قېچىش نىيەتلىرىنىڭمۇ يوقلۇقى»نى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر