جەنۇبىي كورېيە ئىت گۆشىنى چەكلەش يولىدا قەدەم تاشلىدى

جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مەجلىسى ئىت گۆشى سودىسى ۋە ئىستېمالىنى مەنئى قىلىشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

2086410
جەنۇبىي كورېيە ئىت گۆشىنى چەكلەش يولىدا قەدەم تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۆشىدىن پايدىلىنىش مەقسىتىدە ئىت بېقىش، ئۆلتۈرۈش، تارقىتىش ۋە سېتىشنى چەكلەيدىغان مەزكۇر قانۇن لايىھەسى 2 گە قارشى 208 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قوللاپ بېلەت تاشلىشى بىلەن قوبۇل قىلىندى.

ئىگىلىنىشىچە، لايىھە قانۇنلاشقان تەقدىردە، 2027-يىلى يولغا قويۇلۇشى پىلانلىنىۋاتقان بولۇپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا ئەڭ كۆپ بولغاندا 2 يىللىق قاماق جازاسى ياكى تەخمىنەن 23 مىڭ دوللار جەرىمانە قويۇلۇشى مۇمكىن.

قانۇن لايىھەسى يەنە، ئىت گۆشى ساھەسىدە ئىشلەيدىغانلارنىڭ خىزمەت ئورنىنى ئۆزگەرتىشى ئۈچۈن تولۇقلىما بېرىلىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ھۆكۈمەتنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، جەنۇبىي كورېيەدە تەخمىنەن 1150 ئىت بېقىش مەيدانى، 34 قاسساپ، 219 تارقاتقۇچى ۋە تەخمىنەن 1600 ئاشخانا بار ئىكەن. جەنۇبىي كورېيەدە ئېلىپ بېرىلغان بىر ئەلرايى تەكشۈرۈشىگە ئاۋاز قاتناشتۇرغانلارنىڭ %90 تىن كۆپرەكى ئىت گۆشى يېيىشنى ئويلاشمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر