ئىسپانىيە كوسوۋونىڭ پاسپورتىنى ئېتىراپ قىلدى
كوسوۋونىڭ ياۋروپا بىلەن بىر گەۋدىلىشىش، تەرەققىيات ۋە دىيالوگ ئىشلىرىغا مەسئۇل بىرىنچى مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بېسنىك بىسلىمى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېىسدا ئىسپانىيەنىڭ كوسۋو پاسپورتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى.
2085292
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىسلىمى كوسوۋو پۇقرالىرى ۋىزىسىز ساياھەت قىلالايدىغان شەنگەن رايونى دۆلەتلىرى (ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئەركىن ساياھەت قىلىش كېلىشىمىگە تەرەپ بولغان دۆلەتلەر) قاتارىغا ئىسپانىيەنىڭمۇ قېتىلغانلىقىنى بايان قىلىپ: «ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىسسىيونىنىڭ كۆچمەنلەر ۋە ئىچكى ئىشلار باش ئىدارىسى ئىسپانىيەنىڭمۇ كوسوۋو پاسپورتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. باشقىچە ئېيتقاندا، بىز بۇنىڭدىن كېيىن ۋىزا ئالماستىن بۇ دۆلەتنى ساياھەت قىلالايمىز» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يېقىندا كوسوۋو پۇقرالىرىغا پايدىلىق باشقا خۇش خەۋەرلەرنىمۇ بېرىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.