ئىراندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا چېتىشلىق بەزى كىشىلەر قولغا ئېلىندى

ئىران كىرماندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا چېتىشلىق بەزى كىشىلەرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2084982
ئىراندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا چېتىشلىق بەزى كىشىلەر قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد ۋاھىدى 3-يانۋاردا كېرماندىكى قاسىم سولايمانىنىڭ قەبرىسىگە يېقىن جايدا يۈز بەرگەن ۋە تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېش جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بومبا ھۇجۇمىغا چېتىشلىق بەزى كىشىلەرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى IRNA نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋاھىدى ھۇجۇم يۈز بەرگەن كىرمان ئۆلكىسىدە بايانات ئېلان قىلىپ، «ئىستىخبارات ئەترىتى كىرماندىكى تېرورلۇق ۋەقەسىگە قاتناشقان كىشىلەر ھەققىدە ناھايىتى ياخشى يىپ ئۇچى تاپتى، بۇ ۋەقەدە رول ئوينىغان بىر قىسىم كىشىلەر قولغا ئېلىندى» دېدى.

ۋاھىدى ھۇجۇمدا قازا قىلغانلارنىڭ 30 نەپىرىنىڭ كىچىك بالا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا 2020-يىلى 3- يانۋاردا ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتتا، ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش قىسىملىرى قۇددۇس ئەترىتىنىڭ سابىق قوماندانى قاسىم سۇلەيمانىنى سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ 4 - يىللىقىنى خاتىرىلەش كۈنىدە، كېرمان شەھىرىدە ئۇنىڭ قەبرىسىگە يېقىن جايدا تېرورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئارقىمۇ ئارقىدىن ئىككى پارتىلاش مەيدانغا كەلگەن ئىدى.

ھۇجۇمدا 89 كىشى قازا قىلىپ، 284 كىشى يارىلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر