ئەردوغان دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىجرائىيە كومىتېتى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە يىغىن ئاچتى.

2084012
ئەردوغان دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقا ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، يىغىندا تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى يېتىپ كەلگەن سەۋىيە، كەلگۈسى نىشان ۋە ھالقىلىق لايىھەلەر، ھەربىي پاراخوت لايىھەلىرى دائىرىسىدە ئاۋىئاماتكا لايىھىلەش باسقۇچى، «MİLGEM 9 -10-11-12» پاراخوتلىرىنىڭ سىنىپى، (1-دەرىجىلىك قوغدىغۇچى پاراخوت)، دېڭىزدا چارلاش پاراخوتلىرى، يېڭى تىپتىكى ھەربىي يۆتكەش پاراخوتلىرى، يېڭى ئەۋلاد مىنا تازىلاش  پاراخوتى ۋە يەرلىك ھۇجۇمچى پاراخوتى ياساش توغرىسىدا قارارلار ماقۇللاندى.

يىغىندا قوراللىق قورالسىز ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار ئامبىرىغا يېڭى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى قوشۇش، يېڭى ئىقتىدار بىلەن تەمىنلەش ۋە يۆتكىلىشچانلىقنى يۇقىرى  كۆتۈرۈشكە ئالاقىدار لايىھەلەر مۇزاكىرە قىلىندى ۋە قارارلار ماقۇللاندى.

يىغىندا، تۈركىيە ئەسىردە تولۇق مۇستەقىل مۇداپىئە سانائىتى ئۈچۈن تاشلىنىدىغان ھالقىلىق قەدەملەر يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى.

بۈگۈنگە قەدەر بولغىنىغا ئوخشاش بۇنىڭدىن كېيىنكى مەزگىللەردىمۇ  يەرلىك ۋە مىللىي تېخنىكىلارنى ئىشلىتىپ، مۇداپىئە سانائىتى پائالىيەتلىرىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر