پۇتىن ئىرانغا تەزىيە بىلدۈردى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئىراننىڭ كېرمان شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

2084255
پۇتىن ئىرانغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئىران رەھبىرى ئەلى خامەنىي ۋە ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسىگە تېلېگرامما يوللاپ، كېرماندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتىدىن خەۋەر تېپىپ قاتتىق قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھال سورىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلىۋاتقان پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈشنىڭ ئېغىرلىق ۋە رەھىمسىزلىكىدىن ئەندىكىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن پۇتىن: «بىز تېررورلۇقنىڭ بارلىق شەكىللىرى ۋە ئىپادىلىرىنى قەتئىي ئەيىبلەيمىز. بىز بۇ خىل رەزىللىككە قارشى مۇرەسسەسىز كۈرەش قىلىدىغانلىقىمىز توغرىسىدىكى ۋەدىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمىز» دېگەن.

ئىراننىڭ كېرمان ئۆلكىسىدە ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىڭ سابىق قوماندانى قاسىم سۇلايمانىنىڭ قەبرىسىگە يېقىن جايدا تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن ئىككى ئايرىم تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 95 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر