نەسرۇللاھ: ئارۇرىنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈشىگە سۈكۈت قىلىپ، قاراپ تۇرمايمىز

لىۋان ھىزبۇللاھى باش كاتىپى ھەسەن نەسرۇللاھ ھاماسنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان سالىھ ئەلئارۇرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋەقەسىگە «سۈكۈت قىلىپ تۇرمايدىغانلىقلىرى»نى ئېيتتى.

2084242
نەسرۇللاھ: ئارۇرىنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈشىگە سۈكۈت قىلىپ، قاراپ تۇرمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى  خەۋىرى: ھەسەن نەسرۇللاھ پايتەخت بېيرۇتتا ئۆتكۈزۈلگەن ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىڭ سابىق قوماندانى قاسىم سۇلايمانى ۋاپاتىنىڭ تۆت يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا سىن كۆرۈنۈشلۈك ھالەتتە ئىشتىراك قىلدى.

ئۇ ھەر قايسى تېلېۋىزىيە قاناللىرى بىۋاسىتە تارقاتقان باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئالدىنقى كۈنى ھىزبۇللانىڭ قورغىنى دەپ قارىلىۋاتقان داھىيەدە سالىھ ئەلئارۇرىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى توغرىسىدا توختىلىپ، بۇنىڭ ناھايىتى چوڭ ۋەقە ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشقا «سۈكۈت قىلىپ، قاراپ تۇرمايدىغانلىقللىرى»نى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيەگە ئىشارەت قىلغان ھالدا: «ئۇلار بىز بىلەن بولىدىغان ئۇرۇشنىڭ ناھايىتى قىممەتكە توختايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇۋاتىدۇ» دېگەن نەسرۇللاھ، لىۋانغا ئۇرۇش ئاچقان ھەرقانداق كىشىنىڭ پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى، ھىزبۇللاھنىڭ ئاداققىچە جەڭ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئەگەر دۈشمەن ھۇجۇم قىلسا، بىز قائىدىسىز ۋە چەكلىمىسىز ئۇرۇش قىلىىمىز» دېدى.

نەسرۇللاھ ئۆزىنىڭ نۇتۇقىنى ئىككى قىسىمغا بۆلگەنلىكىنى، ئەگەر خۇدا ئۇنى ئامان قىلسا، ئىككىنچى قىسمىنىڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر