ئەسەد قىسىملىرى بىلەن چەتئەللىك تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرى بىرلىكتە ئىدلىبقا ھۇجۇم قىلدى

سۈرىيە قىسىملىرى بىلەن ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى چەتئەللىك تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرى بىرلىكتە ئىدلىب شەھەر مەركىزىگە قىلغان ھۇجۇمىدا 4 پۇقرانى ياردار قىلدى.

2082719
ئەسەد قىسىملىرى بىلەن چەتئەللىك تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرى بىرلىكتە ئىدلىبقا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىدلىبنىڭ شەرقىدىكى ساراقىب ناھىيەسىدە تۇرۇشلۇق ئەسەد قىسىملىرى ۋە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى چەتئەللىك تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرى بىرلىكتە ئىدلىبنىڭ شەھەر مەركىزىگە قۇرۇقلۇقتىن  ئېتىلىدىغان زەمبىرەكلەر بىلەن ھۇجۇم قىلدى.

خەلقنى مۇداپىئە قىلىش ئەترىتى مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ھۇجۇمدا يارىلانغان 4 پۇقرا دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغان.

تۈركىيە، روسىيە ۋە ئىران 2017-يىلدىكى ئاستانە يىغىنىدا، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىدا بولمىغان رايونلاردا تۆت  «جىددىچىلىكنى پەسەيتىش رايونى» قۇرۇشنى قارار قىلغان ئىدى. لېكىن دەمەشىق ھۆكۈمىتى ۋە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى چەتئەللىك تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرى بىلەن رۇسىيە ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەزكۇر  4 رايوننىڭ 3 ىنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن ئەمدىلىكتە ئىدلىبقا يۈزلەندى.

گەرچە تۈركىيە 2018-يىلى 9-ئايدا رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش توختىتىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا قوشۇمچە كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھۇجۇم 2019 - يىلى مايدا يەنە كۈچەيدى.

تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ 2020-يىلى 5-مارتتا ھاسىل قىلغان يېڭى كېلىشىمىدىن كېيىن، ئۇرۇش توختىتىش ئاساسەن كۈچكە ئىگە قىلىنغان ئىدى.

2017-يىلىدىن 2020 – يىلىغىچە داۋاملاشقان ھۇجۇملاردىن قېچىپ چىققان تەخمىنەن 2 مىليون سۈرىيە پۇقراسى تۈركىيە چېگراسىغا يېقىن رايونلارغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر