«خارېتز» گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى گىدېئون لېۋى ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ئادىمىيلىكىنى يوقاتقانلىقىنى ئېيتتى

«خارېتز» گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى گىدېئون لېۋى ئىسرائىلىيەنىڭ غەربىي قىرغاق ۋە غەززە رايونىدىكى ئىشغالىيەتلىرى ئۈچۈن بەدەل تۆلىمەي تۇرۇپ، ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2082606
«خارېتز» گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى گىدېئون لېۋى ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ئادىمىيلىكىنى يوقاتقانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىدېئون لېۋى ئەنگىلىيەلىك پائالىيەتچى ۋە ژۇرنالىست ئوۋېن جونېسنىڭ پروگراممىسىدا قىلغان سۆزىدە،  ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىنتايىن ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكنى ئېيتتى.

لېۋى ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى، زوراۋانلىقنى قوللايدىغان نۇقتىغا كېلىپ قالغانلىقىنى  بىلدۈرۈپ: «مەن ئۆزەمنى ھېچقاچان بۇنداق يالغۇز ھېس قىلىپ باقمىغان» دېدى.

7 - ئۆكتەبىردىكى ھاماسنىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ئادىمىيلىكىنى يوقاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن لېۋى: «پەلەستىنلىكلەر شۇنچە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مۇشۇنداق ھۇجۇملارنىڭ ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ نېمىلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭلار» دېدى.

لېۋى ئىسرائىلىيە جامائەتچىلىكىدە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئادەم قاتارىدا كۆرۈلمەيداىغانلىقىنى ۋە ئالۋاستىلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ يەنە مۇنداق دېدى:

«ئىسرائىلىيەلىكلەر پەلەستىنلىكلەرنى ئىنسان قاتارىدا كۆرمەيدىغان بولغاچقىلا ئۆزلىرىنى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلىيالمايدۇ»

لېۋى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ناھايىتى كەڭ قورساق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «مېنىڭ جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئىگىلىشىمچە، پەلەستىنلىكلەر ھازىرمۇ ئىززەت-ھۆرمەت ۋە باراۋەرلىك ئىچىدە بىللە ياشاشنى خالايدۇ» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر