فىرانسىيە پارلامېنت ئەزاسى: ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان ئىسرائىلىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش لازىم

فىرانسىيەدە بويۇن ئەگمەس فرانسىيە پارتىيەسى (LFI) نىڭ پارلامېنت ئەزاسى توماس پورتېس ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ غەززەدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، فىرانسىيە ھۆكۈمىتىدىن ئىسرائىلىيەگە  دەرھال ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.

2082555
فىرانسىيە پارلامېنت ئەزاسى: ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان ئىسرائىلىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش لازىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پورتېس ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى X  دا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ «مەن نىشانىمىزغا يېتىشتىن بۇرۇن ئۇرۇشنىڭ توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان خەلقئارا بېسىمغا باش ئېگىشنى رەت قىلدىم» دېگەن باياناتىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، «پەلەستىنگە بولغان نەپرىتكە خۇمار بولۇپ قالغان بۇ ئاشقۇن ئوڭچى، رادىكال (نىتانىياھۇ) چوقۇم باشقىلارغا زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ھالغا كەلتۈرۈلىشى لازىم»  دېدى.

پورتېس فرانسىيەنىڭ دەرھال  ئىسرائىلىيەگە قارشى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش رەسمىيەتلىرىنى باشلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

بويۇن ئەگمەس فىرانسىيە پارتىيەسى (LFI) نىڭ پارلامېنت ئەزاسى پورتېس ئىسرائىلىيەنىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بارلىقىنى تەنقىدلەپ: «بۇ كىشىلەر (ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرى) ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ، بىز بۇنىڭغا ئۈن-تىنسىز قاراپ ئولتۇرالمايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر