بوررېل: ئىسرائىلىيە نۇرغۇن پۇقرالارنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولدى

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل ئىسرائىلىيەنى غەززەدە «ئېغىر پۇقرالار ئۆلۈشى»نى كەلتۈرۈپ چىقاردى، دەپ ئەيىبلىدى.

2082380
بوررېل: ئىسرائىلىيە نۇرغۇن پۇقرالارنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرى توغرىسىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدىكى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ پۇقرالارنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىزىچل ھالدا «ئېغىر پۇقرالار ئۆلۈشى»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

بوررېل ماغازى مۇساپىرلار لاگېرىغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ «ئەڭ ئەجەللىك» بومباردىمانلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ، بۇ ھۇجۇمنىڭ يەنە 150 مىڭ كىشىنىڭ سەرگەردانلارغا ئايلىنىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتتى ۋە توقۇنۇشلارنى «ۋاقىتلىق توختىتىش»نى تەلەپ قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان 7 – ئۆكتەبىردىن بۇيانقى ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 21507 گە، يارىلانغانلار سانى 55915 كە يەتتى.

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قەسسام بىرىگاداسى 7-ئۆكتەبىر ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھوقۇقى ۋە مەسجىدى ئەقسانى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇقەددەس قىممەتلەرنى ئىزچىل ھالدا ئاياغ ئاستى قىلىۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىمۇ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئىشلىتىپ غەززەنى بومباردىمان قىلىشنى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر