كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئاپەتلەردە قازا قىلغانلار سانى 40 قا يەتتى
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ جەنۇبىي كىۋۇ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن تۈنۈگۈن (27-دېكابىر) كى كەلكۈن ۋە تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە قازا قىلغانلار سانى 40 قا يەتتى.
2081676
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، جەنۇبى كىۋۇ ئۆلكىسى بۇكاۋۇ شەھىرىنىڭ كالىڭگى يېزىسىدا يېقىنقى تۆت كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان شىددەتلىك يامغۇر پەيدا قىلغان كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە 40 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.