ئامېرىكادىكى قوراللىق توقۇنۇشتا بىر كىشى قازا قىلىپ، ئۈچ كىشى يارىلاندى

ئامېرىكانىڭ كولورادو ئىشتاتىدىكى بىر سودا سارىيىدا يۈز بەرگەن قوراللىق توقۇنۇشتا بىر كىشى قازا قىلىپ، ئۈچ كىشى يارىلاندى.

2080380
ئامېرىكادىكى قوراللىق توقۇنۇشتا بىر كىشى قازا قىلىپ، ئۈچ كىشى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولورادو سىپرىنگس شەھىرىدىكى سىتېدال سودا سارىيىدا ئىككى گۇرۇپپا ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئوق ئاۋازىنىڭ ئاڭلانغانلىقى، ئاندىن ساقچىلارنىڭ ۋەقەگە ئارىلاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ساقچىلارنىڭ نەق مەيداندا بىر كىشىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە ئۈچ كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېنىقلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يارىلانغان ئۈچ كىشىنىڭ دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتقان ساقچىلار،  ۋەقەگە چېتىشلىقى بار دەپ قارالغان بىر قانچە كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر