ھىندى ئوكياندا بىر پاراخوت ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون) ھىندى ئوكياندا خىمىيەلىك ماددا قاچىلانغان پاراخوتنىڭ ئىراندىن قويۇپ بېرىلگەن ئۇچقۇنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2080482
ھىندى ئوكياندا بىر پاراخوت ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھىندى ئوكياندا ھىندىستانغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان بىر خىمىيەلىك ماددا توشۇغۇچى پاراخوتنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، «ياپونىيەنىڭ گوللاندىيە تەرىپىدىن ئىجارە ئېلىنغان < Chem Pluto> ناملىق خىمىيەلىك ماددا توشۇغۇچى پاراخوتى، بۈگۈن (تۈنۈگۈن) شۇ يەر ۋاقتى 10.00 (ئەنقەرە ۋاقتى 18.00) دا ھىندى ئوكيان قىرغىقىدىن 370 كىلومېتىر يىراقلىقتا ھۇجۇمغا ئۇچرىدى» دېيىلدى.

باياناتتا، ھۇجۇمنىڭ ئىراندىن قويۇپ بېرىلگەن تاق يۆلىنىشلىك ئۇچقۇ بىلەن قىلىنغانلىقى ۋە ھېچقانداق ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىسىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكى، پاراخوتتا چىققان ئوتنىڭ ئۆچۈرۈۋېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

ھۇجۇم يۈز بەرگەندە ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئەمەسلىكى، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ھىندىستانغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان پاراخوت بىلەن ئالاقىسىنى ساقلاپ قالغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«بۇ ئىراننىڭ 2021-يىلدىن بۇيان سودا پاراخوتلىرىغا قىلغان يەتتىنچى ھۇجۇمىدۇر.»

بىراق، ئىران ھازىرغىچە ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

دېڭىز بىخەتەرلىك شىركىتى ئامبرېي (Ambrey) ب ب س نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر پاراخوتنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ھىندىستانغا قاراپ يولغا چىققانلىقى ۋە ئىسىرائىلىيە بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

يەمەندە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھۇسىيلار غەززەدە 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىسىرائىلىيەگە نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ، قىزىل دېڭىزدا ئىسىرائىلىيە پاراخوتلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سالغان ئىدى.

ھۇسىيلار ھەرىكەت قىلىشنى باشلىغاندىن كېيىن، نۇرغۇن پاراخوت شىركەتلىرى قىزىل دېڭىزدا سەپەر قىلىشنى توختاتقان ئىدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسسام بىرىگادىلىرى 7 - ئۆكتەبىر (2023) دە ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇنىڭغا قارىتا ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە رايونىنى ۋەھشىلەرچە بومباردىمان قىلىپ، «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» نى باشلىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر