ئىران رۇسىيەنىڭ تېھراندا تۇرۇشلۇق ۋاكالەتچىسىغا نارازىلىق نوتاسى تاپشۇردى

ئىراننىڭ كونتروللۇقىدا تۇرىۋاتقان  ۋە  بىرلەشمە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى دەۋا قىلىۋاتقان باسرا قولتۇقىدىكى ئۈچ ئارالغا دائىر بىرلەشمە باياناتقا قارشى، رۇسىيەنىڭ تېھراندا تۇرۇشلۇق ۋاكالەتچىسى ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلدى.

2080120
ئىران رۇسىيەنىڭ تېھراندا تۇرۇشلۇق ۋاكالەتچىسىغا نارازىلىق نوتاسى تاپشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، باش ئەلچى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا مىنىستىرلىككە چاقىرتىلغان رۇسىيەنىڭ ۋاكالەتچىسىگە نارازىلىق نوتاسى تاپشۇرۇلغان.

باياناتتا، «باسرا قولتۇقىدىكى ئۈچ ئارال ئىرانغا تەۋەدۇر ۋە  بۇ مەسىلىدە ھەر قانداق تەرەپنىڭ تەشەببۇسى قوبۇل قىلىىنمايدۇ» دېيىلدى.

رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە خادىمى بولسا، ئىراننىڭ نارازىلىقىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە موسكۋاغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ماراكەشتە 20 - دېكابىردا ئۆتكۈزۈلگەن 6 - نۆۋەتلىك رۇسىيە-ئەرەب مۇنبىرى يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتتا: «ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ بۈيۈك تۇنب، كىچىك تۇنب ۋە ئەبۇ مۇسا ئارىلى ھەققىدە ئىران بىلەن بولغان چۈشىنىشمەسلىكىنىڭ خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە ۋە ئۆزئارا مۇزاكىرە ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى  ئۈچۈن بارلىق تىنچلىقپەرۋەر تىرىشچانلىقلارنى قوللاش» تەكىتلەنگەن ئىدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 21 – دېكابىردا ئېلان قىلغان باياناتتا، ئىراننىڭ «مەزكۇر ئۈچ ئارالدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى سۆھبەتكە ئوچۇق ئەمەس» دېيىلگەن ئىدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھيان بىلەن رۇسىيەلىك مەنسەپدىشى سېرگېي لاۋروۋ بۇ مەسىلە ھەققىدە تۈنۈگۈن تېلېفوندا سۆھبەتلەشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر