فىرانسىيەدە كۆچمەنلەر قانۇنىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

فىرانسىيەدە ھۆكۈمەتنىڭ ئاشقۇن ئوڭچى قاناتنىڭ قوللىشى سايىسىدا پارلامېنتنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەن كۆچمەنلەرگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھەسىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

2079947
فىرانسىيەدە كۆچمەنلەر قانۇنىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نامايىشچىلار پايتەخت پارىژدىكى جۇمھۇرىيەت مەيدانىغا يىغىلدى؛ كۆپ ساندا ياشلار بىلەن كۆچمەنلەر قاتناشقان نامايىشتا «كۆچمەنلەر بىلەن ھەمنەپەس بول» دەپ شوئارلار توۋلاندى.

نامايىشچىلار «ئىرقچىلىق» خاراكتېرىگە ئىگە، دەپ قارىغان مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى كۆچمەنلەر ۋە تېگى كۆچمەن فىرانسىيەلىكلەرگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى چىڭىتتى، دەپ تەنقىد قىلدى.

ھۆكۈمەتنىڭ ئاشقۇن ئوڭچىللارنىڭ قوللىشى بىلەن پارلامېنتنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن قانۇن لايىھەسىدىن ۋاز كېچىشىنى تەلەپ قىلغان نامايىشچىلار، «كۆچمەنلەرنى قارشى ئالىمىز» ۋە «ئەركىنلىك» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ ماڭدى.

بەزى نامايىشچىلار ئۇسسۇل ئويناش ۋە ناخشا ئېيتىش ئارقىلىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى گېرالد دارمانىن ئاقلىغان كۆچمەنلەر قانۇن لايىھەسىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

بۇ ھەپتە بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ فىرانسىيەلىكلەر دۆلەتنىڭ لىئون، تۇلۇس قاتارلىق ئوخشىمىغان شەھەرلىرىدە بۇ قانۇن لايىھەسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر