خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى ئاۋازغا قويۇشنى يەنە كېچىكتۈردى

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپ لايىھەسىنى يەنە ئاۋازغا قويالمىدى.

2079544
خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى ئاۋازغا قويۇشنى يەنە كېچىكتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى غەززەدە ئىسىرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملارنى ۋاقىتلىق توختىتىشى ياكى توختىتىشى تەكلىپ قىلىنغان لايىھەنى ئاۋازغا قويۇشنى تۆتىنچى قېتىم كېچىكتۈردى.

خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى ئىختىلاپ، «ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش» دېگەن سۆزلەرنىڭ قايسىسىنى قوللىنىش بىلەن ياردەملەرنى كىمنىڭ نازارەت قىلىنىشى مەسىلىسىگە مەركەزلەشتى.

خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە تەييارلانغان لايىھەدە، غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ قۇرۇقلۇقتىنلا ئەمەس، بەلكى دېڭىز ۋە ھاۋا يوللىرىدىنمۇ يەتكۈزۈلۈشى تەكلىپ قىلىنىدۇ.

لايىھە، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ ئىسىرائىلىيە تەرىپىدىن ئەمەس، ب د ت باش كاتىپى تەسىس قىلىدىغان مېخانىزم تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

غەززەگە يەتكۈزۈلۈۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى ئىسىرائىلىيە تەرىپىدىن نازارەت قىلىنماقتا ئىدى.

ئىسىرائىلىيە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى ب د ت نىڭ نازارەت قىلىشىغا قارشى چىقىپ، ئامېرىكاغا بېسىم قىلماقتا. بۇ سەۋەبتىن، ۋاشىنگتون ئىسىرائىلىيەنى چەتكە قاققان تەكلىپ لايىھەسىنى رەت قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇچرىشىشلارنىڭ قاتماللىققا پېتىپ قالغانلىقى ئۇچۇرى تارقالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر