چېخىيە ئۇنىۋېرستېتىدا قانلىق ۋەقە يۈز بەردى

چېخىيە پىرېزىدېنتى پېتر پاۋېل ۋە باش مىنىستىر پېتر فىيالا پىراگادىكى كارلس ئۇنىۋېرستېتىدا 15 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قوراللىق ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى.

2079571
چېخىيە ئۇنىۋېرستېتىدا قانلىق ۋەقە يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چېخىيە پىرېزىدېنتى ئېكس (X) ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرلەپ، كارلس ئۇنىۋېرستېتىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدىن چوڭقۇر ئەندىشە ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن-يورۇقلىرىغا سەۋر، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلىدى.

باش مىنىستىر پېتر فىيالا چېخىيە خەلقىگە خىتاب قىلىپ ئېلان قىلغان نۇتۇقىدا، ھۇجۇمنىڭ بىر تىراگېدىيە پەيدا قىلغانلىقىنى ۋە ھەممە كىشىنى چوڭقۇر قايغۇغا سالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «بۇ قورقۇنچلىق ھەرىكەتنىڭ ھېچقانداق توغرا تەرىپى يوق. ھەممىڭلارغا ئوخشاش مەنمۇ كىشىنى سەسكەندۈرىدىغان بۇ زوراۋانلىقتىن چوڭقۇر قايغۇردۇم ۋە قاتتىق نەپرەتلەندىم» دېدى.

ئۇ ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن-يورۇقلىرىغا سەۋر، يارىلانغانلارنىڭ تېزدىن شىپالىق تېپىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

چېخىيە پايتەختى پىراگاغا جايلاشقان كارلس ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پەلسەپە فاكۇلتېتىدا تۈنۈگۈن (21-دېكابىر) يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئەڭ ئاز دېگەندە 15 كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، 24 كىشى يارىلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر