X دۇنيا مىقياسىدا تەخمىنەن بىر سائەت بويىچە ئۇلىنىش مەسىلىسىگە يولۇقتى
مەركىزى ئامېرىكاغا جايلاشقان ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى ئېكس (X) دۇنيا مىقياسىدا تەخمىنەن بىر سائەت بويىچە ئۇلىنىش مەسىلىسىىنى باشتىن كەچۈردى.
2079192
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تور بېكەتلەرنىڭ ئۇلىنىش مەسىلىلىرىنى رەتلەپ چىققان «Downdetector» تورىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئابونتلار تۈركىيە ۋاقتى 09:00 ئەتراپىدا ئېكسقا ئۇلىنىشتا مەسىلىگە يولۇققانلىقلىرىنى دوكلات قىلىشقا باشلىغان.
بۇ ئۇلىنىش مەسىلىسى دۇنيانىڭ ھەممىلا جايلىرىدا تەڭ كۆرۈلگەن.
«Downdetector»تورى تەخمىنەن بىر سائەت ئاۋارىچىلىقتىن كېيىن، ئېكسنىڭ نورمال ھالغا كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.