نېتانياھۇ: توختىشىمىزنى ئويلىغانلارنىڭ ئەمەلىيەت بىلەن ئالاقىسى يوق

ئىسىرائىليە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ غەززەدە 75 كۈندىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ھۇجۇم ۋە قەتلىئاملارنىڭ «ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى» بىلدۈرۈپ: «توختىشىمىزنى ئويلىغانلارنىڭ ئەمەلىيەت بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق» دېدى.

2079249
نېتانياھۇ: توختىشىمىزنى ئويلىغانلارنىڭ ئەمەلىيەت بىلەن ئالاقىسى يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىليە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ: «ئۇرۇشنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرىمىز، ھاماس يوقىتىلغىچە، غەلىبە قولغا كەلەىچە داۋاملىشىدۇ. توختىشىمىزنى ئويلىغانلارنىڭ ئەمەلىيەت بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. ھاماسنىڭ يوقىتىلىشى، ئەسىرلىرىمىزنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە غەززە تەھدىتىنىڭ تۈگىشى ئۈچۈن بەگىلىگەن بارلىق نىشانلىرىمىزغا يەتكىچە كۈرىشىمىزنى توختاتمايمىز» دېدى.

ئۇ ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەدە پۇقرالارنى نىشان قىلغان قىرغىنچىلىقلارنى ئاقلاپ: «ھاماسقا دوزاخنىڭ ئوتى بىلەن ھۇجۇم قىلىۋاتىمىز. پەقەت ئىككىلا يولى بار: يا تەسلىم بولۇش ياكى ئۆلۈش» دېدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسسام بىرىگادىلىرى 7 - ئۆكتەبىر (2023) دە ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇنىڭغا قارىتا ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە رايونىنى ۋەھشىلەرچە بومباردىمان قىلىپ، «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» نى باشلىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئۇرۇش سەۋەبىدىن 20 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر