ئورباننىڭ ئۇچۇرى ھەممىنى كۈلۈمسىرەتتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئاپتوموبىلى — توگگ (TOGG) سوۋغا قىلىنغان ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋېكتور ئورباننىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ھەمبەھرىلىگەن ئۇچۇرى ھەممىنى كۈلۈمسىرەتتى.
2078144
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنگىرىيە پايتەختى بۇداپېشتتا مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى؛ ئۇ ئالدى بىلەن ۋېنگرىيەلىك مەنسەپدىشى كاتالىن نوۋاك، ئاندىن باش مىنىستىر ۋېكتور ئوربان بىلەن كۆرۈشتى.