ب د ت بىرما ئۈچۈن 2024-يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى ئېلان قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىرمادا ھەربىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ زور دەرىجىدە ناچارلاشقانلىقى تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

2078177
ب د ت بىرما ئۈچۈن 2024-يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت بىرما ئۈچۈن «2024-يىلدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ئېھتىياجى ۋە ھەرىكەت پىلانى» نى ئېلان قىلدى.

باياناتتا، بىرمادا 18 مىليون 600 مىڭ كىشىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە موھتاج ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ئومۇمىي خەلقنىڭ ئۈچتىن بىرىگە توغرا كېلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، كىرىزىسنىڭ ئېغىر يۈكىنى كىچىك بالىلارنىڭ كۆتۈرۈۋاتقانلىقى ۋە 6 مىليون كىچىك بالىنىڭ ياردەمگە موھتاج ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

باياناتتا، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ ئائىلىلەرگە ئېغىر ئىقتىسادىي يۈك پەيدا قىلغانلىقى، دېھقانچىلىقنىڭ قالايمىقانلىشىشى ۋە پۇل پاخاللىقىنىڭ يۇقىرى بولۇشى سەۋەبىدىن كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەككە ئېرىشىش مەسىلىسىدە ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ كۆرۈلۈۋاتقانلىقى، بۇ سەۋەبتىن ئاچارچىلىق خەۋىپىنىڭ ئاشقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بىرمادىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ كۈنسېرى ناچارلىشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا يەنە، «ئاياللار، قىزلار، مېيىپلار ۋە روھىنگالىقلار بۇ خەتەرلىك مۇھىتنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچراۋاتقانلار ھېسابلىنىدۇ» دېيىلدى.

باياناتتا، ئېھتىياجنىڭ ئېشىشىغا قارىتا جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈچۈن 994 مىليون دوللارنىڭ لازىملىقى ۋە بىرىنچى باسقۇچتا جىددىي ئېھتىياجلىق 5 مىليون 300 مىڭ كىشىنىڭ ئېنىقلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر