جو بايدىننىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىگە باشقا بىر ئاپتوموبىل سوقۇلۇپ كېتىپ ھەممىنى ساراسىمىگە سالدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ دېلاۋارې ئىشتاتىدىكى پائالىيىتى جەريانىدا، قوغدىغۇچى ئاپتوموبىللىرىدىن بىرىگە باشقا بىر ئاپتوموبىلنىڭ سوقۇلۇپ كېتىشى ھەممىنى ساراسىمىگە سالدى.

2077742
جو بايدىننىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىگە باشقا بىر ئاپتوموبىل سوقۇلۇپ كېتىپ ھەممىنى ساراسىمىگە سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاقساراينىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، پىرېزىدېنت بايدىننىڭ قوغدىغۇچى ئاپتوموبىلىغا سوقۇلۇش ۋەقەسى، بايدىن ۋە ئۇنىڭ ئايالى جىم بايدىننىڭ دېلاۋارې ئىشتاتىدىكى پائالىيىتى جەريانىدا يۈز بەرگەن.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن مۇخبىرلارغا بايانات ئېلان قىلىۋاتقان پەيتتە، قوغدىغۇچى ئاپتوموبىل ئەترىتى سىرتىدىكى بىر ئاپتوموبىل بايدىننى قوغداشقا مەسئۇل مەخپىي ئورگاننىڭ ئاپتوموبىللىرىدىن بىرىسىگە سوقۇلغان.

ۋەقەدە، قىسقا مۇددەتلىك ھولۇقۇش ۋە ساراسىمىچىلىق يۈز بەرگەن، بايدىننىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمەستىن رايوندىن ئايرىلغان.

مەخپىي ئورگانلار بۇ ۋەقەنىڭ تەسادىپىي ۋەقە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر