ب د ت: سۇداندا 7 مىليون كىشى ئۆي – ماكانلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشلىرى ئالىي كومىسسارى فىلىپپو گراندى سۇداندا داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ 7 مىليون كىشىنى ئۆي-ماكانلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
2077006
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گراندى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، سۇداندا ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ 7 مىليون كىشىنى ئۆي-ماكانلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«سۇداندىكى ئۇرۇشتا يەتتە مىليون كىشى مۇساپىر ۋە سەرگەردان بولۇپ قالدى، ئەمما دۇنيا بۇنىڭغا پەرۋا قىلمايۋاتىدۇ.»