سانچېز ياۋروپا دۆلەتلىرىنى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى

ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىسرائىلىيەگە «كۇپايە» دېيىشىنى تەلەپ قىلدى.

2076465
سانچېز ياۋروپا دۆلەتلىرىنى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېز ئىسپانىيەنىڭ دېكابىر ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسىلىكى ۋەزىپىسىنى تاماملايدىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ياۋروپا پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشىدە سۆز قىلدى.

سانچېز ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرىغا خىتابەن «ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىندە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ھەققىدە ئوچۇق پاراڭلىشىدىغان پەيت كەلدى. سۈكۈت قىلىشنى تاشلاپ، ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىندە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار توغرىسىدا ئېنىق شۇنداقلا بىردەكلىك ئىچىدە سۆزلەڭلار... دۇنيانىڭ بىزنى مەۋقەسىدە چىڭ تۇرىدىغان بىر سىياسىي - جۇغراپىيەلىك كۈچ دەپ قاراپ، ھۆرمەت قىلىشىنى كۈتىدىغان بولساق، پۇقرالىرىمىزنىڭ ھەرىكەتلىرىمىزدىن پەخىرلىنىشىنى ۋە ياۋروپا قىممەت قارىشىنىڭ پەقەت سۆز – ئىبارىلەردىنلا ئىبارەت ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ يېتىشىنى خالىساق، چوقۇم يۇقىرى ئاۋازدا، ئېنىق ۋە بىردەك ئىپادە بىلدۈرۈشىمىز كېرەك» دېدى.

ھاماسنىڭ 7 – ئۆكتەبىردىكى ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ۋە ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن سانچېز، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز چوقۇم ئوتتۇرا شەرق مىقياسىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قوللىشىمىز كېرەك. بىز ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزىنى قوغداش ۋە مەۋجۇتلۇق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك، ئەمما ئوخشاش ئېتىقاد ۋە ئوخشاش قىممەت قاراش بىلەن، غەززەدىكى مىڭلارچە سەبىينى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈنمۇ <كۇپايە> دېيىشىمىز كېرەك. بومباردىمانلار دەرھال توختىشى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى چوقۇم جىددىي ۋە يېتەرلىك مىقداردا يەتكۈزۈپ بېرىلىشى لازىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ياۋروپانىڭ ئىسرائىلىيە – پەلەستىن مەسىلىسىگە كەسكىن ۋە كەڭ دائىرىلىك چارە تېپىش تىرىشچانلىقلىرىغا ئاكتىپ تۆھپە قوشۇشى، بۇ دائىرىدە خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا ئەمەل قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان سانچېز: «ئىشەنچلىك، ئەستايىدىل تىنچلىق قارىشىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىسرائىلىيە دۆلىتى بىلەن بىرلىكتە تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان بىر پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر