ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى بىريۇسسېلدا باشلىنىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئەتە بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا يىغىن چاقىرىدۇ.

2076302
ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى بىريۇسسېلدا باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ دۆلەت ياكى ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن بىريۇسسېلدا باشلىنىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى ئىككى كۈن داۋاملىشىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا ئۇكرائىنانى قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇش، ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشىغا بىلدۈرۈلىدىغان ئورتاق پوزىتسىيە، ئىتتىپاقنىڭ كېڭىيىش ئىشلىرى ۋە خامچوتىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى رەئىسى چارلىز مىشېل رىياسەتچىلىك قىلىدىغان يىغىنغا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل قاتارلىقلارمۇ قاتنىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر