گىرېتسىيە ئېۋروس دەرياسى بويىنى چىتلاشنى باشلىدى

گىرېتسىيە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ چېگرا ھالقىپ دۆلەت تەۋەلىكىگە كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئېۋروس دەرياسى بويىغا 35 كىلومېتىر پولات سىملىق چىت ياساشنى باشلىدى.

2076023
گىرېتسىيە ئېۋروس دەرياسى بويىنى چىتلاشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، قۇرۇلۇشى باشلانغان يېڭى چىت يامىشىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدىكەن.

دىمېتوكانىڭ ئاسىمبەي يېزىسى بىلەن سوفۇلۇنىڭ قاراپىنار يېزىسى ئوتتۇرىسىدا سېلىنىدىغان يېڭى چىت ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە سېلىنىدىغان قوشۇمچە قۇرۇلۇش ۋە رېمونت ئىشلىرىغا تەخمىنەن 100 مىليون ياۋرو مەبلەغ كېتىدىكەن.

نۆۋەتتە، دەريانىڭ گىرېتسىيە تەرىپىدە بىرى 12.5 كىلومېتىر، يەنە بىرى 26.5 كىلومېتىرلىق بولۇپ، جەمئىي 39 كىلومېتىرلىق پولات چىت بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر