نىيۇ يوركتا بىر بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشتى

ئامېرىكانىڭ نىيۇ يورك شەھرىدىكى برونكس (Bronx) رايونىدا يەتتە قەۋەتلىك بىنانىڭ بىر قىسمىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى نەتىجىسىدە، ئىككى كىشى يارىلاندى.

2075718
نىيۇ يوركتا بىر بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «نىيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، نىيۇ يورك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى برونكس رايونىدىكى يەتتە قەۋەتلىك بىنانىڭ بىر قىسمى ئۆرۈلۈپ چۈشكەندىن كېيىن، نەق مەيدانغا سەھىيە ۋە ساقچى خادىملىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەسئۇللار بىنادىكى كىشىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇش جەريانىدا ئىككى كىشىنىڭ يەڭگىل يارىلانغانلىقىنى، ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىسىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

مەسئۇللار ۋەقە سەۋەبىنىڭ ھازىرچە ئېنىق ئەمەسلىكىنى، تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر