بلىنكېن: ئىسرائىلىيە پۇقرالارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملاردا پۇقرالارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مۇمكىن بولىدىغان بارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2075662
بلىنكېن: ئىسرائىلىيە پۇقرالارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مىنىستىر ئانتونى بلىنكېننىڭ ئىسرائىلىيە ئۇرۇش كابىنېتى ئەزاسى، سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بېننىي گانتىز بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، سۆھبەت جەريانىدا، ھاماسنىڭ قولىدىكى ئەسىرلەرنىڭ بىخەتەر قايتىپ كېلىشىگە ئاسانلىق يارىتىش، غەززەگە ئەۋەتىلىدىغان ياردەم مىقدارىنى ئاشۇرۇش ۋە توقۇنۇشنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلار مۇزاكىرە قىلىنغان.

مىنىستىر ئانتونى بلىنكېن غەربىي قىرغاقتىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن جىددىي تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، ئىسرائىلىيەنىڭ مۇمكىنچىلىك دائىرىسىدىكى بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پۇقرالارغا زىيان يەتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇ يەنە، ئامېرىكانىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى روياپقا چىقىرىش يولىدا كونكرېت قەدەملەرنى تاشلاشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قەسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىمۇ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئىشلىتىپ غەززەگە قارشى «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان توقۇنۇش ۋە بومباردىمانلار جەريانىدا، كۆپىنچىسى بالىلار بولۇپ، 18 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر