ئىتالىيەنىڭ شىمالىدا ئىككى پويىز سوقۇشۇپ كېتىپ 17 كىشى يارىلاندى

ئىتالىيە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ X ئادرېسىدىكى باياناتىدا، بولونيا-رىمىنى لىنيەسىدىكى فايېنزا بىلەن فورلى ئوتتۇرىسىدا قاتنايدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز بىلەن ئادەتتىكى پويىزنىڭ سوقۇلۇپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

2074923
ئىتالىيەنىڭ شىمالىدا ئىككى پويىز سوقۇشۇپ كېتىپ 17 كىشى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە «ANSA» خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، تېز سۈرئەتلىك پويىز بىلەن ئادەتتىكى پويىز سوقۇشۇپ كەتكەن ۋەقە كەچتە يۈز بەرگەن بولۇپ، ھادىسىدە دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا 17  كىشى يارىلانغان.

ئىتالىيە دۆلەتلىك تۆمۈر يول شىركىتى ھادىسە سەۋەبىدىن كاستېلبولوگ-فورلى تۆمۈر يولى لىنىيەسىدىكى بارلىق مۇلازىمەتلەرنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئىتالىيەدە 31 - ئاۋغۇستتىمۇ تۇرىن-مىلان تۆمۈر يولىدا كېچىدە ئىشلەۋاتقان 5 ئىشچى پويىز سوقۇۋىتىپ قازا قىلغان ئىدى.

ئاپرېلدا بولسا، فىلورېنسىيە شەھىرى ئەتراپىدا يۈك پويىزىنىڭ رېلىستىن چىقىپ كېتىشى سەۋەبىدىن قاتناش توختاپ قالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر