ئىسرائىلىيە غەززەدىن تۇتقۇن قىلغان ئاياللارنى تۈرمىگە تاشلىدى

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە تۇتقۇن قىلغان 142 پەلەستىنلىك ئايال ئەسىرنى تۈرمىگە تاشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

2074949
ئىسرائىلىيە غەززەدىن تۇتقۇن قىلغان ئاياللارنى تۈرمىگە تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن ئەسىرلەر جەمئىيىتى ۋە پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىغا قاراشلىق پەلەستىن مەھبۇسلار ئىشلىرى كومىتېتى غەززەدە تۇتقۇن قىلىنغان ئاياللارنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقى توغرىسىدا بىرلەشمە يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ غەززەدە قۇچىقىدا بوۋاقلىرى بار ئانىلارنى، ياشانغانلارنى ۋە كىچىك بالىلارنىمۇ قوشقاندا، جەمئىي 142 پەلەستىنلىك ئايالنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى تۈرمىگە تاشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پەلەستىنلىك ئاياللارنىڭ ئېد دامۇن ۋە ھود ھاشارون قاتارلىق ئوخشىمىغان تۈرمىلەرگە تاشلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئىسرائىلىيە ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

پەلەستىنلىك ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىلگىرىمۇ بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ قورشاۋ ئاستىدىكى غەززە رايونىدىن تۇتقۇن قىلغان ۋە راماللاھنىڭ غەربىدىكى ئوفېر تۈرمىسىگە تاشلانغان پەلەستىنلىك مەھبۇسلارغا قارىتا قورقۇنچلۇق جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنىڭ سانى، ئۇلارنىڭ تەقدىرى، تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان جايلىرى ياكى سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر