سېرگېي لاۋروۋ: غەززەدە خەلقئارا كۆزىتىش كومىتېتى قۇرۇش كېرەك

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئىسرائىلىيەنىڭ ھاماسنى باھانە قىلىپ، پەلەستىن خەلقىنى كوللېكتىپ جازالاشىنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، غەززە رايونىدا خەلقئارا كۆزىتىش كومىتېتى قۇرۇش كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلدى.

2074967
سېرگېي لاۋروۋ: غەززەدە خەلقئارا كۆزىتىش كومىتېتى قۇرۇش كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ قاتاردا ئۆتكۈزۈلگەن «ئورتاق كەلگۈسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن» تېمىلىق 21 - نۆۋەتلىك دوھا مۇنبىرى يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىدى.  

سېرگېي لاۋروۋ ھاماسنىڭ 7 – ئۆكتەبىر (2023) دە ئىسرائىلىيەگە قىلغان ھۇجۇمىنىڭ سەۋەبسىز ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ، مەزكۇر ھۇجۇمنىڭ  ئەسلىدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان غەززە قورشاۋى ۋە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەمەلگە ئاشمىغان ۋەدىلەردىن كېيىن يۈز بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پەلەستىن دۆلىتى قۇرالماسلىقنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە ئاشقۇنلۇقنى ئەڭ ئۇلغايتىدىغان ئامىل ئىكەنلىكىنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىسرائىلىيەلىكلەرگە چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن لاۋروۋ، پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيىتىنىڭ ھەل قىلىشقا ئېرىشەلمەسلىكىنىڭ رايوندىكى ئەڭ خەتەرلىك ئامىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس بىلەن غەززەدە بىر خەلقئارالىق كۆزىتىش كومىتېتى قۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى سۆھبەتلەشتۇق. غەززە رايونىدا ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئۇرۇش توختىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بارلىق خەلقئارالىق بېسىملارنى ئىشقا سېلىش كېرەكلىكىنى مۇزاكىرە قىلدۇق» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر