غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي بىرلەشمىسى ئابۇجادا توپلاندى

غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي بىرلەشمىسى (ECOWAS) دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، ھەربىي ئۆزگىرىش ۋە دېڭىز قىرغىقى رايونلىرىدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن، نىگېرىيە پايتەختى ئابۇجادا توپلاندى.

2075022
غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي بىرلەشمىسى ئابۇجادا توپلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 61-نۆۋەتلىك غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي بىرلەشمىسىنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولغان رەھبەرلەر، يېقىنقى مەزگىللەردە يۈز بەرگەن ھەربىي ئۆزگىرىشلەر ۋە دېڭىز قىرغىقى رايونلىرىدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي بىرلەشمىسى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئۆمەر توۋراي يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە نىگېردا ھەربىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلىكىنى، سېررالېئون ۋە گىۋىنېيە-بىسسائۇدا بولسا، ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى خاتىرىلەتتى.

ئۇ ھەربىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ رايون بىخەتەرلىكىگە زىيان سالغانلىقىنى، غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي بىرلەشمىسىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىشلەرگە قەتئىيلىك بىلەن قارشى تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئوخشىمىغان جايلاردىن كەلگەن بېسىملارغا قارىماستىن نىگېرغا مۇناسىۋەتلىك چىقىرىلغان قارارغا ئەمەل قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«نىگېردىكى ۋەھىمىلىك ئىنسانىي ۋەزىيەتنى بىلىمىز، شۇڭا خەلق ئۈچۈن تىببىي ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلدۇق.»

نىگېرىيە پىرېزىدېنتى ۋە غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي بىرلەشمىسىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولا ئەھمەت بىرلەشمىنىڭ دېموكراتىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتلەر، ئىقتىسادىي كىرىزىسلار، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۈگۈن بىر يەرگە جەم بولۇشىمىز، رايونىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۈنۈملۈك بىرلىشىشكە تۇتقان قەتئىي مەيدانىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر