ئامېرىكادىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى لاس ۋېگاس ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ قورۇسىدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ، ئۈچ ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

2073696
ئامېرىكادىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نېۋادا ئىشتاتىدىكى لاس ۋېگاس ئۇنىۋېرسىتېتى قورۇسىدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى.

ھۇجۇمدا ئۈچ كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، ئۈچ كىشى يارىلاندى.

ئىگىلىنىشىچە، ۋەقەدىن كېيىن، كىملىكى ئاشكارىلانمىغان زوراۋان  بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، ھۇجۇمنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر