ياۋروپا ئىتتىپاقى: ئىسرائىلىيە غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاپ، ئۆلۈپ كەتكەن پەلەستىنلىكلەر سانىنىڭ ئېلان قىلىنغىنىدىنمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

2072651
ياۋروپا ئىتتىپاقى: ئىسرائىلىيە غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جوسېپ بوررېل بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن 25-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، غەززەنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«گەرچە ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى بولسىمۇ، ئەمما ھېچكىم بۇنچە كۆپ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى قوبۇل قىلالمايدۇ.»

«10-ئاينىڭ 7-كۈنى ھاماسنىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلغان ھۇجۇمى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىمۇ ئوخشاشلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھېسابلىنىدۇ. بىر دەھشەت يەنە بىرىنى ئاقلىيالمايدۇ.»

«ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى داۋامىدا زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ھۇجۇملاردا 15 مىڭ كىشىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا، ئەمما خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا يەنە نۇرغۇن كىشىلەر بولۇشى مۇمكىن. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، خەلقئارا جەمئىيەت رايوندا يۈز بېرىۋاتقان دەھشەتكە قارشى تېخىمۇ كۆپ نارازىلىق بىلدۈرۈشكە ۋە بۇ دەھشەتكە خاتىمە بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىشقا باشلىدى. يەھۇدىيلارغا دۈشمەنلىك قىلماي تۇرۇپ  ئىسرائىلىيەنى تەنقىدلەش مۇمكىن بولۇشى كېرەك. مەن ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا قارشى چىقماي تۇرۇپ، ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش تۈزۈمىنى قوغداش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇش تەرەپدارىمەن.»

ئۇ يەنە، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى قانۇنسىز يەھۇدىي كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكەتلىرى ۋە پەلەستىنلىكلەرگە قارىتىلغان زوراۋانلىقلارغا خاتىمە بېرىلىشى كېرەكلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قەسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بولسا، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە شەھىرىگە «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» قوزغىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ  بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ھۇجۇملىرى داۋامىدا، كۆپىنچىسى بالىلار بولۇپ، 16 مىڭغا يېقىن پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر