خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى باش مۇپەتتىشى ئىسرائىلىيەنى خەلقئارا قانۇنغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى (UCM) نىڭ باش مۇپەتتىشى كەرىم خان ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغان ۋاقتى كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

2072218
خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى باش مۇپەتتىشى ئىسرائىلىيەنى خەلقئارا قانۇنغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ باش مۇپەتتىشى كەرىم خان پەلەستىننىڭ راماللاھ شەھىرىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدا ھەمبەھرلىگەن ۋىدېئودا، ئىسرائىلىيەنى خەلقئارا قانۇنلارغا رىئايە قىلىشقا چاقىردى.

كەرىم خان ھەمبەھىرلىگەن يازمىسىدا نۇرغۇن ئىنساننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە يارىلانغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئەگەر ئىنسانىيەتنى ئازراق بولسىمۇ ھۆرمەتلەيدىغان بولساق، قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغان ۋاقىت كەلدى. ئىشخانام بۇ ئىشلارنى ئاكتىپ ھالدا تەكشۈرمەكتە» دېدى.

كەرىم خان يازمىسىدا تەنقىد قىلغان ۋە راماللاھتىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى كۆز قاراشلىرىغا ئورۇن بەرگەن ۋىدېئو ئۇچۇرىدا: «مەن (ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە) قانۇنغا ئەمەل قىلىدىغان پەيت كەلگەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق ئېيتتىم. ئەگەر ئىسرائىلىيە ھازىر ئەمەل قىلمىسا، كېيىن شىكايەت قىلماسلىقى لازىم» دېدى.

مەكتەپلەر، دوختۇرخانىلار، جامەلەر، چېركاۋلار ۋە ئائىلىلەر ئولتۇراقلاشقان ئۆيلەرنىڭ خەلقئارا قانۇنلاردا قوغدىلىدىغانلىقىنى شۇنداقلا بومباردىمان قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن كەرىم خان، جەنۋە ئەھدىنامىسىنىڭ بوۋاقلار، كىچىك بالىلار، ئاياللار، ياشانغانلار ۋە پۇقرالارنى قوغداش ئۈچۈن بار ئىكەنلىكىنى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

كەرىم خان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ غەززەگە كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىشنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «غەززەدىكى دوختۇرلارنىڭ توكسىز ئوپېراتسىيە قىلىشى ياكى كىچىك بالىلارنىڭ ناركوز قىلىنماي ئوپېراتسىيە قىلىنىشىغا ھېچقانداق باھانە كۆرسەتكىلى بولمايدۇ» دېدى.

غەربىي قىرغاقتا ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى سادىر قىلغان زوراۋانلىقنى «قوبۇل قىلغۇسىز» دەپ تەرىپلىگەن كەرىم خان، بۇ زوراۋانلىقنىڭ جازاسىز قالماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر