خىتاينىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى كۆكتە ئۇچۇۋاتقان پەيتتە موتورى بۇزۇلدى

خىتاي شەرقىي ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ «A330-300» تىپلىق يولۇچى ئايروپىلانى موتورىدىن كاشىلا چىققانلىقى سەۋەبىدىن شيامېنغا جىددىي قوندى.

2072142
خىتاينىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى كۆكتە ئۇچۇۋاتقان پەيتتە موتورى بۇزۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «The Aviation Herald» دەپ ئاتىلىدىغان ئاۋىياتسىيە خەۋەرلىرى تورىدا، خىتاينىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىندى.

باياناتتا، شاڭخەيدىن ئۇچقان ئايروپىلاننىڭ كۆككە كۆتۈرۈلۈپ تەخمىنەن بىر سائەتتىن كېيىن موتورىدىن كاشىلا چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئايروپىلاننىڭ 34 مىڭ 100 ئىنگلىز چىسى ئېگىزلىكتە خوڭكوڭغا قاراپ ئۇچۇش جەريانىدا موتورىدىن كاشىلا چىققانلىقى ۋە ئايروپىلان ئچىدە قاتتىق تەۋرىنىش پەيدا قىلغانلىقى، نەتىجىدە ئايروپىلاننىڭ شيامېنغا بىخەتەر قونغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يولۇچىلار بىلەن ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ ئايروپىلاندىن بىخەتەر ھالدا تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر