ئەنگلىيە ئەسىرلەرنىڭ ئورنىنى تېپىش ئۈچۈن غەززە ئاسمىنىدا ئىستىخىبارات توپلايدۇ

ئەنگلىيە ئەسىرلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشىغا ياردەمچى بولۇش ۋە ئىسرائىلىيەنى ئىستىخبارات بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن غەززە ئاسمىنىدا كۆزىتىش ئۇچۇشى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2071871
ئەنگلىيە ئەسىرلەرنىڭ ئورنىنى تېپىش ئۈچۈن غەززە ئاسمىنىدا ئىستىخىبارات توپلايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋازارىتىنىڭ يازما باياناتىدا، ھۆكۈمەتنىڭ 7 - ئۆكتەبىردىن بۇيان ئەنگلىيە پۇقرالىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن رايوندىكى شېرىكلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ «ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى» ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، يەنە مۇنداق دېيىلدى:

«ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋازارىتى داۋاملىشىۋاتقان ئەسىرلەرنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش شۇنداقلا ئىسرائىلىيە ۋە غەززە ھاۋا تەۋەلىكىدە پائالىيەت قىلىشنىمۇ شەرقىي ئاقدېڭىزنىمۇ چۆرىدىگەن ھالدا كۆزىتىش ئۇچۇشلىرىنى باشلايدۇ. كۆزەتكۈچى ئايروپىلانلار قورالسىز بولىدۇ. جەڭ قىلىش رولى بولمايدۇ. پەقەتلا ئەسىرلەرنىڭ ئورنىنى بايقاش ئۈچۈن ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. ئەسىرلەرنى قۇتقۇزۇشقا ئالاقىدار مەلۇماتلارنى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئەۋەتىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر