غەززەگە ئاران 100 يۈك ئاپتوموبىلى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى كىردى

پەلەستىن قىزىل ئاي جەمئىيىتى 100 يۈك ئاپتوموبىلى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنىڭ كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

2071860
غەززەگە ئاران 100 يۈك ئاپتوموبىلى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن قىزىل ئاي جەمئىيىتى ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن «ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئۇرۇش توختىتىپ تۇرۇش» كېلىشىمىنىڭ مۇددىتى تۈنۈگۈن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قايتىدىن ھۇجۇم باشلانغان غەززە رايونىغا ئاران 100 يۈك ئاپتوموبىلى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنىڭ كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پەلەستىن قىزىل ئاي جەمئىيىتى ئېلان قىلغان يازما باياناتتا، رافاھ چېگرا ئېغىزىدىن غەززە رايونىغا ئاران 100 يۈك ئاپتوموبىلى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى كىرگەنلىكى ۋە مىسىر قىزىل ھىلال جەمئىيىتىدىن تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

يۈك ئاپتوموبىلىرىدا سۇ، يېمەكلىك، دورا ۋە داۋالاش بۇيۇملىرىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

غەززەگە ھەر قايسى دۆلەتلەردىن ئەۋەتىلگەن ياردەملەر مىسىر بىلەن غەززە ئوتتۇرىسىدىكى رافاھ چېگرا ئېغىزىدا مىسىر قىزىل ئاي جەمئىيىتىنىڭ ماسلاشتۇرىشى بىلەن يەتكۈزۈپ بېرىلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر