ئىسىرائىلىيە غەززە ھۇجۇمىنى قايتا باشلىدى
ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدە بىر ھەپتە داۋاملاشقان «ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش» نىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ۋە ھۇجۇملارنىڭ قايتىدىن باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىم رامكىسىدا 24-نويابىر (2023) ئەتىگەندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنغان «ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش»، بۈگۈن (1-دېكابىر) ئەتىگەن ئاخىرلاشتى.
ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يازما باياناتىدا، ھاماسنىڭ «ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلدى ۋە «ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدە ھاماسقا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى قايتىدىن باشلىدى» دېيىلدى.
غەززە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، «ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش» نىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن، ئىسىرائىلىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ غەززە كۆكلىرىدە ئۇچۇشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا، ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەنىڭ شىمالىنى ئوققا تۇتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
مىچوتاكس تۈركىيەگە كېلىدۇ
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كېرىياكوس مىچوتاكىس پايتەخت ئەنقەرەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.